باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى تېخىمۇ قويۇق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك

2014.11.15 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 15-16-نويابىر ئاۋسترالىيەنىڭ بىرىسباندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى قانداق قىلغاندا يېڭى ۋەزىيەت ۋە تەلەپكە ماسلىشىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئۇزاق مۈددەت ئېشىشنى ساقلىيالايدۇ؟ بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يېتەرسىز بولىۋاتقان ئارقا كۆرىنىشتە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرىسبان باشلىقلار يىغىنى دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مۇرەككەپ ئامىل ئاسىتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يەر شارى ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ ئاخىرى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ بېشىدا تۇرماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىي ناھايىتى تەستە ئىلگىرىلىمەكتە.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا جۇراپىيىلىك سىياسىي ساھەدىمۇ جىددىي ۋەزىيەت كۆرۈلدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق ئەسەبىي تەشكىلاتى غالجىرىشىپ كەتتى، ئۇكىرائىنا ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولماقتا، سۈرىيە كىرىزىسى ئاياغلاشتۇرۇش تەسكە توختىدى، ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېبولا يۇقۇمى يامىرىدى. بۇ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلماقتا.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: بۇ ئارقا كۆرىنىشتە، بىرىسبان باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى جاسارىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ، ئىختىلاپ ۋە قېيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئەزالارنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت. كونكىرت قارالمىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى، خەلقئارا سودا، ئېنېرگىيە، ئىقتىسادنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتە، ھە قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىردەك ئەمەس. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرستىلىشىچە، ياۋرو رايونىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىش خەتىرى ئۆزلۈكسىز ئېشىۋېتىپتۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باھالىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە مالىيە ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىق ئىجابىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئامېرىكا ئىقتىسادى ئاستا ئېشىشى مۈمكىنكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەر بەزى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قۇرۇلما ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا سىياسەتنى تېخىمۇ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچىيىشى كېرەك. مۇتەخەسسلەر ئامېرىكا يېقىندا جاكارلىغان مىقدارلاشتۇرۇپ بوش قويۇۋېتىش سىياسىتىنى مىسالغا ئالدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىشى كۆرۈلدى. خەلقئارا بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىشنى تېزدىن تەڭشەپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە مۇقىمسىزلىق ۋە تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ئاساسلىق مۈنبەر، تېخىمۇ قويۇق شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشى، ماكرولۇق ئىگىلىك سىياسىتىنى تەڭشەپ، بىرلىكتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە، يەر شارى ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغان يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى مېخانىمىزىمىنى ئورنىتىش ساداسى بارغانسېرى كۈچەيدى، بۇ جۇڭگو قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رول ئوينىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  سېتنى ئۇنىۋېرستېتى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگونىڭ رولى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا، بۇ رول ئەسىلدىكى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى تەدرىجىي ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت. جۇڭگو شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو بىلەن ئوخشاش بولمىغان قاراش ۋە مەيداندىكى دۆلەتلەر بىلەن قانداق ياخشى ھەمكارلىشىشنى كەمتەرلىك بىلەن ئۈگەنمەكتە.

  ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق ئەقىل ئىسكىلاتى خەلقئارا سىياسەت تەتقىقاتخانىسى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: جۇڭگو ھەقىقىي تەدبىرىنى يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا بىلدۈردى،جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان روھ بىلەن خوشنىلىرى بىلەن تىركىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەمكارلىشىشنى ئاساس قىلىپ، مېخانىزىم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىقتىساد مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقۇچى. جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ھالەتكە كىرمەكتە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىپ چىقماقتا، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكتە. بۇ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر