باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىقتىسادى ئۈچ چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە

2014.11.15 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن سىرت ئۇزۇندىن بۇيانقى دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى يۇقىرى بولۇش تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چەتئەل مەبلىغىگە تايىنىدۇ، ئېقىپ كىرگەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ زور كۆپ قىسمى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ھايانكەشلىك خاراكتىرىدىكى قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئېغىرلىتىپ، تۈركىيەنى چەتئەل مەبلىغىنىڭ داۋالغۇش تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

  ئەمما، سودىدىكى پاسسىپ بالانىسنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن تۈركىيەنىڭ دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى تۆۋەنلىدى. بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە، بۇ دۆلەتنىڭ دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى 29 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور مىقداردا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى 118 مىليارد 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5. 5پىرسەنت ئاشتى، ئىمپورتى 179 مىليارد 680 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.2 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى؛ سودا پاسسىپ بالانسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.8 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لايىھەسىنى باشلىدى. بىرىنچى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىي گەۋدە تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمپورتقا تايىنىۋېلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمىنى يەنىمۇ ئازايتىش. باشقا ئىسلاھات تەدبىرلىرى پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، داۋالىنىش، ساياھەت، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبرۇتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ يېڭىلىقى يوق، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە ئىلگىرى ئىقتىسادى نىشانىغا ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، لېكىن 2023-يىللىق نىشانىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمىدى. بۇ نىشان 2023-يىلىغا بارغاندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى پەيتىدە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە قاتارىغا كىرگۈزۈش. ھازىر، تۈركىيە كورىيە، مېكسىكا ۋە ھىندونېزىيەدىن قالسا دۇنيا بويىچە 17 چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز دۆلەت.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2023-يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى ۋە پۇل پاخاللىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىسادى قۇرۇلمىغا تۈرتكە بولۇشقا باغلىق.

  بۇنىڭدىن سىرت ئۇزۇندىن بۇيانقى دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى يۇقىرى بولۇش تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چەتئەل مەبلىغىگە تايىنىدۇ، ئېقىپ كىرگەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ زور كۆپ قىسمى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ھايانكەشلىك خاراكتىرىدىكى قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئېغىرلىتىپ، تۈركىيەنى چەتئەل مەبلىغىنىڭ داۋالغۇش تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئەمما، سودىدىكى پاسسىپ بالانىسنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن تۈركىيەنىڭ دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى تۆۋەنلىدى. بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە، بۇ دۆلەتنىڭ دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى 29 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور مىقداردا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى 118 مىليارد 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5. 5پىرسەنت ئاشتى، ئىمپورتى 179 مىليارد 680 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.2 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى؛ سودا پاسسىپ بالانسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.8 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتتى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لايىھەسىنى باشلىدى. بىرىنچى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىي گەۋدە تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمپورتقا تايىنىۋېلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمىنى يەنىمۇ ئازايتىش. باشقا ئىسلاھات تەدبىرلىرى پەن-تېخنىكا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، داۋالىنىش، ساياھەت، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبرۇتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ يېڭىلىقى يوق، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتىدە ئىلگىرى ئىقتىسادى نىشانىغا ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، لېكىن 2023-يىللىق نىشانىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمىدى. بۇ نىشان 2023-يىلىغا بارغاندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى پەيتىدە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئون چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە قاتارىغا كىرگۈزۈش. ھازىر، تۈركىيە كورىيە، مېكسىكا ۋە ھىندونېزىيەدىن قالسا دۇنيا بويىچە 17 چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز دۆلەت.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2023-يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى ۋە پۇل پاخاللىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى زۆرۈر، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىسادى قۇرۇلمىغا تۈرتكە بولۇشقا باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر