باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي قۇتۇپلىشىش ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى(2)

2014.11.07 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتنى كونتىرول قىلىشىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تەسىرى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىللىق خىزمەت قارالمىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ يۈرگۈزۈشكە، پارلامېنتتىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ قارشى سادالار كۆپىيىپ، ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى يەنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوبامانىڭ ھازىر قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلەپ 40 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى.

  ئۆتكەن تۆت يىلدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئايرىم-ئايرىم ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنى كونترول قىلىپ تۇرغاچقا، دۆلەت ئىچىدە كۆچمەنلەر ۋە باج ئىسلاھاتى پىلانى، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى قاتارلىقلار ئىزچىل پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي كەلگەن ئىدى. ئوباما كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن داۋالاش ئىسلاھاتى پىلانىمۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەكلىپ بىلەن بىكار قىلىندى. ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزئارا توسالغۇ بولۇشى ئارقىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتات فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىسمەن ئاپپاراتلىرى يەنە 16 كۈن ئىشتىن توختاپ قالدى.

  بەزى جامائەتچىلىك ئامېرىكىنىڭ «ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىنكار قىلىش» پاتقىقىغا كىرىپ قېلىشىدىن، بولۇپمۇ ئوباما داۋالاش ۋە كۆچمەنلەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ قاتماللىقى شۇنداقلا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى قاتارلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە غايەت زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پۈتۈن پارلامېنتنى كونترول قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قاتماللىقىنى ئوڭشاش تەس. قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كەلگۈسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتروللىقىدىكى پارلامېنت قانۇن لايىھەسىنى مەجبۇرى ماقۇللىغان ۋە ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپىرەك بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئوبامانىڭ قولىدىكى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يەنىلا رول ئوينىيالايدۇ.

  ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: كەلگۈسىدە پارلامېنت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تىركىشىشى توختىمايدۇ، ئىنكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە زۇڭتۇڭ ئوبامامۇ يول قويماسلىقى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تېخىمۇ چوڭ ھاڭ پەيدا قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر