باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمۇننىڭ كېينكى نۆۋەتلىك كورېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بارمۇ ؟

2014.11.05 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەسىنىڭ بىر نوپۇزلۇق ئەربابى 3-چېسىلا ب د ت باش كاتىپى بان كىموننىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرى كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋۋالقى دېپلوماتىنىڭ كورېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتىشىش ئېھتىماللىقىنى بىلمەكچى بولغانلقىنى ئېيتتى.

  بان كىمۇننىڭ 2-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2016-يىلنىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى، كورېيە 2017- يىلى 12-ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. بىر ھەپتە بۇرۇنقى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بان كىمۇن سايلامغا قاتناشسا %40كە يېقىن ئاۋامنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

  ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە «يېڭى سىياسىي دېموكراتىيە بىرلەشمىسى»نىڭ مەسلىھەتچىسى گۇن نوگاب شۇ كۈنى پارلامېنتتا ئۆ‍ز ئەسلەتمىسىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىدا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا بان كىمۇننىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرى بىلەن بان كىمۇننىڭ ئۆكتىچىلەرگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

  گۇن نوگاب قارشى تەرەپكە بان كىمۇننىڭ قارارىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر بان كىمۇن سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا «يېڭى سىياسىي دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» ئۇنى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشى ھەمدە پارتىيە ئىچىدە تەييارلىق سايلامغا قاتنىشىپ زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىنى تاللىشىشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر