- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نورۋېگىيە ئىراق ۋە ئافغانىستانغا قىسىم ئەۋەتتى
2014.10.31 15:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئېرنا سوربېگ تۆنۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا 195 ھەربىي خادىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. سوربوگ شۇ كۈنى دۆلەت مۇداپئە ۋەزىرى ئېلىكسىن ھەمدە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بۇرۇندې بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا يۇقارقىلارنى بىلدۈردى. سوربوگ مۇنداق دېدى: نورۋېگىيە بۇ يىل ئىراققا 120 كىشىلىك قىسىم ئەۋەتىدۇ، كېلەر يىلى ئافغانىستانغا 75 كىشىلىك قىسىم ئەۋەتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەربى خادىم ئەۋەتىش نورۋېگىيە قىسمىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇلار ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ تەربىيەلەش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر