باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرب ئەللىرىدىكى ياشلار نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتىنىڭ غازىتىغا كەتمەن چاپىدۇ؟(2)

2014.10.29 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەن ۋېنلىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىمۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. 21-ئەسىر تارىخى يەنە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ غەرب دۇنياسى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىش تارىخى بولدى. 1400 يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئىسلام دۇنياسى ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى. گەرچە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ خەلىپىلىك قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ناھايىتى تەس بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ ئاجىز ئورنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى دېدى.

  ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆلىمىنىڭ 20 مىڭدىن 31 مىڭ 500 گە يېتىپ، مۆلچەردىكىدىن بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا، 80 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن قوراللىق كىشى بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان.

  ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورىدا، نۇرغۇن غەربلىك مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر غايىسى، يەنى ئىسلام ئەقىدىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئازاد قىلىنغان بىر شەھەر قۇرۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئۇ غايەت زور مەمنۇنلۇق ئېلىپ كەلگەن دېيىلدى.

  تيەن ۋېنلىن ھۆكۈم قىلىپ، لېكىن بۇ خىل غايە ناھايىتى تېزلا بەربات بولىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە تۆت خەلىپە دەۋرىدىكىگە ئوخشاش خەلىپىلىك قۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەينى چاغدا ئىسلام دۇنياسى ناھايىتى قۇدرەت تاپقان، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىر قەدەر ئاجىز ئىدى. ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، رايون سىياسىيسىدىن قارىغاندا، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى رۇسىيە بولسۇن بىر كۈچلۈك خەلىپىلىك دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمايدۇ دېدى.

  بۇ يەنە بىر مەسىلىنى پەيدا قىلدى، يەنى غايىسى بەربات بولغان غەرب مۇسۇلمانلىرى ئاخىرىدا ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، بۇمۇ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئەنسىرەيدىغان ئىش، بۇ كىشىلەر قايتىپ كەلگەندە بىخەتەرلىككە بولغان تەھدىتنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا 15-سېنتەبىر نۇرغۇن تارماقلاردىن بىرلىشىپ تېخىمۇ كۆپ پۇقرانىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى، ئاۋسترالىيەمۇ ئايرودۇرۇملارغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇشۇنداق ئوي بىلەن ماڭماقچى بولغانلارنى توستى.

  ئەنگلىيەدە بەزىلەر غىپپىدە قايتىپ كەلدى، لوندون ساقچىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پەقەت يىراقتىكى دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ دېدى. كانادا پارلامېنتى بىناسىدىكى 22-ئۆكتەبىردىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىمۇ تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ غەرب ئەللىرىگە قاراپ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تيەن ۋېنلىن بۇنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسى ۋاقىتلىق تۈزەش، يەنى پۇقرالارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەش، چەتئەلگە چىققانلارنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۈپتىن تۈزەش، يەنى بۇ خىل مەسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئىجتىمائىي مەنبەنى ھەل قىلىپ، كۆچمەنلەرنىڭ چەتكە قېقىلىش تۇيغۇسىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ ئىككىسىنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە قىلىپ بولۇش ئاسان ئەمەس دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر