باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىدى(2)

2014.10.29 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران ھۆكۈمىتىمۇ ساياھەت ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى. ئىران ھۆكۈمىتى 2025-يىلى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 20 مىليوندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا، بۇ ئىراننىڭ تېخىمۇ كۆپ مېھمانخانا بولۇپمۇ تۆت ۋە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنى قۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات فوندىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئويلاشماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىماقتا ھەمدە ئىراننىڭ نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشغا بارلىق كۈچى بىلەن ياردەم بەرمەكچى.

  بىراق، ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ، ئىراننىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىزچىل تۈردە كەمچىل بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر ئوتتۇرغا چىقتى. ئىران ئۇزاق ۋاقىت خەلقئارانىڭ جازالىشىغا ۋە يىتىم قالدۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىراننىڭ ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىدە كۆرۈنەرلىك يېتەرسىزلىكلەر ساقلاندى. ئىراننىڭ مېھمانخانا ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن دۇنيانىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ، بىر قىسىم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەسلىھەلىرى خەلقئارادىكى ئۈچ يۇلتۇزلۇق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىمۇ تەكشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، ئىراننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى يوللار ياكى يول كۆرسىتىش بەلگىسى پارس يېزىقىدا يېرىلغان بولۇپ، ئىنگلىزچە يېزىلمىغان، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىدىكى پەرقلەرمۇ چوڭ بولۇپ، بىر قىسىم ساياھەتچىلەر بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا ساياھەتكە كەلگەنلەرگە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

  يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، ھازىر بارلىق كىشىلەر خەلقئارا جازانىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى خەلقئارا جازا ئىراننىڭ ساياھەت كەسپىگە سانجىلغان قوش بىسلىق خەنجەر بولغان. بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جازا ئىران رىيالىنىڭ 2013-يىلى يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە پاخالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمالنىڭ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن تېخىمۇ ئەرزان توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جازا بولۇپمۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جازاسى، ئىراننى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان، بۇ بىلەن باشقا دۆلەتلەردە ئىشلىتىشكە بولىدىغان خەلقئارا بانكا كارتىسىنى ئىراندا ئىشلىتىشكە بولمىغانلىقتىن، ئىران پۇلى رىيالنىڭ يەنە بىر قېتىم پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى شۇنداقلا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە كۆپلىگەن ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى.

  ئىران ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئىراننىڭ ساياھەت كىرىمى پۈتكۈل يەر شارىدا 50 ئورۇندا تۇرۇدىغان بولۇپ، دۇنيا ساياھەت بازىرىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى%0.5كىمۇ يەتمەيدىكەن. چەتئەللىك ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ ئىراندىكى ئىستېمال سوممىسىمۇ ئاران 1500 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بىراق سۇلتانىفا ئىران ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 80 يىلدا، ئىران ئاز ساندىكى تارىخى مىراس ۋە مەدەنىيەت مىراسىنى دۇنياغا ئايان قىلدى، كۆپلىگەن مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي ساياھەت مەنبىي سىرتقا ئايان قىلىنمىدى. مەن، ئىراننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ دۇنيادا 1-دەرىجىلىك ساياھەت نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇمۇ نۆۋەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر