باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار(2)

2014.10.21 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مەبلەغ، خادىم ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى غايەت زور كەمچىل بولىۋاتىدۇ. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېغىر دەرىجىدە كەينىدە قېلىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 16-سېنتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يەر شارىدا ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدە يېرىم يىلدا 988 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېھتىياجلىق بولدۇق، ئەمما ھازىرغىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەت فوند پەقەت 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش ۋەدىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېساباتقا كىرگەن پۇل ئاران 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

  جۇڭگو غەربىي ئافرىقا رايونىدىكى ئېبولا يۇقۇمىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەممىدىن بۇرۇن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇمى بولغان دۆلەتلەرگە 234 مىليون يۈەن ياردەم بەردى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئايرىم ئايرىم ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ياردەم قىلدى ھەمدە 200 داۋالاش خادىمىنى غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىتالىيەدە ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: جۇڭگو غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇم رايونىغا يېڭىدىن ئاز دېگەندىمۇ يۈز مىليون يۈەن ياردەم بېرىدۇ يەنە ئون نەچچە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىدۇ دەپ جاكارلىدى.

  ئافرىقا تاراتقۇلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ياردىمىگە يۇقىرى باھا بەردى. پۈتۈن ئافرىقىدىكى تور ۋە گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش دۇنياۋى ھەرىكىتىدە جۇڭگو باشتىن ئاخىر ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەق پۇل ۋە ئەشيا ياردىمى بېرىپلا قالماستىن، يەنە جىددىي كېرەكلىك، ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى گەرچە ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قېرىندىشى جۇڭگونىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلىقىنىڭ ئىسپاتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

  ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى ساۋاق دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە مۇنداق بىر سىگنال بەردى ئۇ بولسىمۇ يۇقۇملانمىغان رايونلار ھوشيار بولۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ داۋالاش سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە خەلققە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقىي تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، قارىغۇلارچە قورقۇش كەيپىياتىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرمۇ غەربىي ئافرىقا ئەللىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتلەردە ھەقىقىي تەدبىر قوللىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر