- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكىلىق بىر پۇقرا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغاندا قولغا ئىلىندى
2014.10.14 11:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 6-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا قوشما شتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چىكاكودىكى موخېر خەلقئارا ئايرودرومىدا 19 ياشلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇ ئەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بېرىپ ئىران بىلەن سۇرىيەدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
قوشما شتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئارقىدىن بۇ ئەرنىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزى ۋە باشقىلار بىرلىكتە يازغان ئۆزىنىڭ ساياھەت پىلانى ۋە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن غازات قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنى قوللايدىغان كۆپلىگەن يازما ماتېرىياللارنى تاپتى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باشقا كىشىلەرنىڭ بۇ دېلوغا چېتىلىپ قولغا ئىلىنغان ئېلىنمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر