باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات قانىتى

2014.10.09 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋيۈەن زۇڭلىسى لى چېياڭ رۇسىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلاش ۋە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 19-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۈي جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەمدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىشىنىمەنكى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى رۇسىيەدىكى تۇنجى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، دېدى.

  لى خۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك يىغىنى مېخانىزىمى بەرپا قىلىنغانلىقىغا 19 يىل بولدى، بۇ مېخانىزىمغا قۇرۇلغان جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتى، ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتى، زۇڭلىلارنىڭ قەرەللىك يىغىنى كومىتېتى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  لى خۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ دائىملىق ئۇچرۇشىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئۈمىدىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، مەڭگۈلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى، ياخشى قوشنىدارچىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتى كۈچى، مەڭگۈ ئىلگرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى. لى خۇي مۇنداق دېدى: 2013-يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا قىممىتى 89 مىليارد 210 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، جۇڭگو ئۇدا 4 يىل رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا قىممىتى 44 مىليارد 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئويى ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرشى توغرىسىدا لى خۇي مۇنداق دېدى: رۇسىيە ياۋروپا ۋە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، قەدىمىي يېپەك يولى بويىدىكى دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، شۇڭا رۇسىيە يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى بەرپا قىلىشتا كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى.

  لى خۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ نېفىت-گاز تۇربىسى، چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا تۆمۈر يولى قاتارلىق بىر قىسىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى قۇرۇلۇشى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزىملىرى بىلەن توقۇنۇشمايدۇ ياكى بۇلارغا خىرىس بولمايدۇ، ئەكىسچە بۇ مېخانىزىملارنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولىدۇ.

  لى خۇي مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاساس قىلىنغان قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئىزچىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولماقتا. 2005-يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 10 نۆۋەت ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى كۆپ قېتىم «تىنچلىق بۇرچى» ناملىق تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى ۋە دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ تەدبىرلەر «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋە مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

  لى خۇي جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى قۇيۇقلىشىۋاتقان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا «دۆلەت يىلى»، «تىل يىلى»، «ساياھەت يىلى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئىككى تەرەپ ئىككى يىللىق «ياشلار دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنىمۇ پۇختىلىدى.

  لى خۇي مۇنداق دېدى: كېلەركى قەدەمدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى» ۋە «ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرىنىڭ 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ھەمكارلىق پىلانى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇزىكا، تىياتىر، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئوڭشاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 2014-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان جۇڭگو رۇسىيە ياشلار دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلىنى نۇقتىلىق ياخشى ئۆتكۈزىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بىۋاستە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، بىر تىپتىكى مەكتەپلەرنى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنى ئالاقە كېڭەتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، 2020-يىلدىن بۇرۇن ئىككى دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنى 100 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزىدۇ؛ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 6 چوڭ خاتىرىلەش سارىيىتىنى ئوڭشاش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، رۇسىيەنىڭ قىزىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مەدەنىيەت بايرىمى، كىنو بايرىمى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزىدۇ؛ ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك، كۆپ خىل ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ داۋالاش، سەھىيە، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەنئەنىۋى مىدىتسىنادىن پايدىلىنىپ داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر