- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەنگلىيە بىلەن ئېرلاندىيە جۇڭگولۇق ۋە ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنى جەلب قىلىش ئۈچۈن ۋىزا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
2014.10.08 15:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيە بىلەن ئېرلاندىيە 6-ئۆكتەبىر بىر ۋىزا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «ئەنگلىيە-ئېرلاندىيە ۋىزا پىلانى»نى يولغا قويىدىغانلىقى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن سىرتقى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىر ۋىزا بىلەنلا ئەنگلىيە ۋە ئېرلاندىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە ئېرلاندىيە ۋىزا پىلانى ئالدى بىلەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە يولغا قويۇلىدۇ، ئارقىدىن ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرگە كېڭەيتىلىدۇ. كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ۋىزا قولايلاشتۇرۇش سىياسىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا بارلىق دۆلەت پۇقرالىرىغا قوللىنىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر