باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىمنىڭ سابىق خۇسۇسىي كاتىپى: شياڭگاڭدىكى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش» ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس

2014.10.08 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچىر خانىمنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى، ھازىرقى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى ئەزاسى چارلىز پوۋېل 5-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە، ئاپتونومىيە دەرىجىسى ئەينى يىللىرى ئەنگلىيە شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن چاغدىكى مۆلچەردىنمۇ يۇقىرى، مەن جۇڭگو بۇ ئاساسىي مەيدانىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ قارىمايمەن، شياڭگاڭدىكى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەش» ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

  پوۋېل شياڭگاڭلىق ياشلارغا ھازىرقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش تەكلىپى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىر شياڭگاڭلىق ياش بولسام، ھازىرقى كەڭ دائىرىلىك ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن ئوبدان پايدىلىنىمەن، شياڭگاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، ساياھەت ئەركىنلىكى، چەتئەللەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەركىنلىكى، مائارىپ پۇرسىتى قاتارلىقلاردىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىپ، بۇلاردىن تولۇق بەھرىمان بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر