باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موڭغۇلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نامبارىن ئېنخبايار كورىيەگە قېچىپ كەتتى

2014.10.08 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى: بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن موڭغۇلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نامبارىن ئېنخبايار يېقىندا كورىيەگە قېچىپ بېرىۋالدى، دېگەن. پەرەز قىلىنىشىچە، ئېنخبايارنىڭ قېچىپ كېتىشى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ئۇنىڭ كورىيەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئالدىنقى ئايدا موڭغۇلىيەدىكى تاراتقۇلار تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلغان. ئەمما موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى بۇ ئىشنى ئىنكار قىلغان، شۇڭا موڭغۇلىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلانمىغان. شۇ چاغدا موڭغۇلىيەدىكى تاراتقۇلار موڭغۇلىيە ئېنخبايارنىڭ دۆلەتنىڭ كۆچمەس مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈستىدىن قايتا ئەرز سۇنىدۇ، دەپ قارىغان، بۇمۇ ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى. كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېنخبايار ھازىر كەچۈرۈم ھالىتىدە، شۇڭا كورىيە تەۋەلىكىگە ئېرىشىشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق قانۇنىي مەسىلە يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر