باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەدە كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 كىشى قازا قىلدى

2014.10.08 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بۇ دۆلەتنىڭ غەربى كالمانتان ئۆلكىسىدىكى بىر ئالتۇن كان رايونىدا 4-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تاغ جىنسلىرى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 18 كان ئىشچىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  بۇ مەھكىمىنىڭ ئەمەلدارى ئالى مافۇد مۇنداق دېدى: ۋەقە غەربى كالمانتان ئۆلكىسىنىڭ بېنكاياڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئەنئەنىۋى ئالتۇن كان رايونىدا يۈز بەردى، ئەينى ۋاقىتتا قانۇنسىز 500 كان قازغۇچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك يۆتكەلگەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان، قازا قىلغان 18 كىشىنىڭ 16سى ئەر، 2سى ئايال ئىكەن. بۇ قېتىمقى تاغ جىنسلىرى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

  ھىندونېزىيەنىڭ كان بايلىقى مول، لېكىن قانۇنسىز كان قېزىش قىلمىشى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، كان ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر