باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل سىياسىيونلىرى، ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى: «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ

2014.10.08 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېقىندا «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» قانۇنسىز يىغىلىشى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىتا، بىرقىسىم چەتئەل سىياسىيونلىرى، ئالىملىرى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنى چەتئەل كۈچلىرى كۈشكۈرتكەن ۋە قوللىغان، دېدى.

  سىنگاپوردىكى «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىت»نىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى سانىدا بۇ گېزىتنىڭ سىنگاپورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قوشۇمچە قانۇن سىياسەت مىنىستىرى شاڭ مۇگېن بىلەن قىلغان مەخسۇس زىيارىتى ئېلان قىلىندى. شاڭ مۇگېن شياڭگاڭدىكى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، جۇڭگوغا قارشى كۆز قاراشلارغا تولغان نۇرغۇن خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىئىينەزىرىگە سەل قارىدى. شاڭ مۇگېن مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرى دائىم جۇڭگو دىموكراتىيەنى ئىنكار قىلىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىدۇ، ئەمما شياڭگاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ. شياڭگاڭنىڭ ھازىر ئېرىشكەن دىموكراتىك بوشلۇقى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى شياڭگاڭ ئېرىشكەن دىموكراتىيەدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما غەرب تاراتقۇلىرى بۇنى خەۋەر قىلمىدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندىرى ئوستروۋىسكى مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى شياڭگاڭنىڭ نورمال پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلدى، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزدى. شياڭگاڭ جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىموكراتىك جەمئىيەتنى سىستېمىلىق، تەدرىجى بەرپا قىلدى. شياڭگاڭ «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» بولۇش فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دىموكراتىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەھەتتە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. برازىلىيە جۇڭگو ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سېۋىلىنو كابرال مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» بولۇش فاڭجېنىدا باشتىن-ئاياق چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ئېغىر ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتى، بۇ قىلمىش شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر