- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشنى رەت قىلدى
2014.09.15 09:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ 43 زاپاس ئەسكىرى 12-سېنتەبىر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ سۆزلىرىنى داۋاملىق ئوغرىلىقچە ئاڭلاشنى رەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كەسكىن بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ئەسكەرلەر خېتىدە بىز تەۋە قىسىم ھازىر نەچچە مىليون پەلەستىنلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئوغرىلىقچە ئاڭلىماقتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھەتتا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق، ئوغرىلىقچە ئاڭلىغۇچىلارنى چېقىمچى دەپ قارايمىز دەپ تەھدىت سالدى دېدى. بۇ ئەسكەرلەر ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پەلەستىنلىكلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى، بۇ-پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىشكە پايدىسىز دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر