- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇكرائىنا ئارمىيەسى لۇگانسكى ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنى پارتلىتىۋەتتى
2014.09.03 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 2-سېنتەبىر ئۇكرائىنا پارتلىتىش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ لۇگانسكى ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
مەزكۇر كومىتېت باياناتچىسى رېيشانكو شۇ كۈندىكى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 1-سېنتەبىر لۇگانسكى ئايرودرومىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن پارتلىتىش مۇتەخەسىسلىرىنى ئەۋەتىپ ئايرودرومنىڭ ئۇچۇش-چۈشۈش يولىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
رېيشانكو بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن روسىيە ئارمىيەسى لۇگانسكى ئايرودرومى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى توختىماي بومباردىمان قىلغانلىقتىن، ئايرودرومنى ۋە ئەتراپتىكى گېئورگيېۋكا مەھەلىسىنى ساقلاۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋېلىپ چېكىنگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر