باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: روسىيە ئارمىيەسى ئىككى ھەپتىدىلا ئۇكرائىنا پايتەختىنى ئىشغال قىلالايدۇ

2014.09.03 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ئىتالىيە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خەۋرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 1-سېنتەبىر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باروزوغا تېلېفون بەرگەندە «ئەگەر مەن خالىسام»، روسىيە ئارمىيەسى ئىككى ھەپتىگىچە ئۇكرائىنا پايتەختى كيېۋنى ئىشغال قىلىدۇ، دېگەن. بۇنىڭىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقتىكى مۇھىم بىر ئايرودرومنى قولدىن بېرىپ قويغان. غەرب روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يېڭىدىن بىر روسىپەرەست ھاكىمىيەت تىكلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

  باروزو ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە پۇتىن «ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە روسىيە ئارمىيەسى كىردىمۇ-يوق» دېگەن سوئالغا يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردى، دېدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلمۇ پۇتىن «تامامەن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان» ئادەم دېدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىشىغا يول قويغىلى بولمايدۇ، بولمىسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ پاجىئەسى قايتا يۈز بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇكرائىنا خەلق قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى داۋاملىق چېكىندۈرۈپ. كۆپ جايلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ نۇرغۇن روسىيە ئەسكىرى (تەخمىنەن 1600) ۋە تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىپ، خەلق قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى. ئەمما روسىيە بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر