- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپ: شەرقتىكى «تېررورلۇققا قارىشى»ئۇرۇشنى روسىيەگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك
2014.09.03 14:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋالېرىي گېلېتېي 1-سېنتەبىر «تېررورچىلار»نىڭ قولىدىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى ئاياغلاشتى، ھازىر «دەرھال روسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش» خىزمىتىنى ئىشلەش كېرەك.
گېلېتېي شۇكۈنى ئۆزىنىڭ facebook دا روسىيە غەيرىي مۇنتىزىم ئۇرۇشتا ئۇكرائىناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، روسىيە «مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشقا مەجبۇر بولدى»، «ئەگەر روسىيە تاجاۋۇز قىلمىغان بولسا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ بېشىدا پۈتۈن دۆلەتنى ئازاد قىلغان بولاتتى» دەپ يازدى. ئۇيەنە روسىيە «ئۇكرائىنانىڭ باشقا رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلماقچى» دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر