- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مودى ياپونىيە ئىقتىسادىي ئۆمىكى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى
2014.09.02 10:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيە ئىقتىسادىي ئۆمىكى قاتارلىق ئىقتىسادى ئۆمەكلەر 1-سېنتەبىر توكيودا چۈشلۈك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنى كۈتۈۋالدى. مودى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چەتئەل مەبلىغىنى قۇبۇل قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلىپ، تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىت تىرىشىپ يارىتىلماقتا، چۈشلۈك زىياپەتتىن ئىلگىرى مودى ياپونىيە ئىقتىسادىي كەسىپ ۋەزىرى، مالىيە ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ياپونىيە ئىقتىسادىي ئۆمىكى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چۈشلۈك زىياپەتتە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلۈردى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەملىشىمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنى كۈتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر