باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: تولا چىشىمىزغا تەگمەڭلار!

2014.09.01 17:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 29-ئاۋغۇست قاتتىق خاپا بولۇپ: روسىيە كاتتا يادرو قورالى دۆلىتى، «ئەڭ ياخشىسى تولا چىشىمىزغا تەگمەڭلار!» دېدى.

  پۇتىن شۇكۈنى روسىيە پايتەختى موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر ياشلار- ئۆسمۈرلەر يازلىق لاگېرىدا سۆز قىلىپ، روسىيەنىڭ ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. «روسىيە ھېچقانداق كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئارىلاشمىدى، بىزنىڭ ئۇنداق قىلغۇمىز يوق، ھەم ئۇنداق ئويدىمۇ بولمىدۇق، ئەمما بىز ھەرۋاقت روسىيەگە قىلىنغان ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىقنى چېكىندۈرۈشىمىز لازىم»

  ئۇ يەنە روسىيەنىڭ «ئاغىنىلىرى» بىلىشى كېرەككى، «ئەڭ ياخشىسى تولا چىشىمىزغا تەگمەڭلار.... مەن سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، روسىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو قورالى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى»، دېدى.

  ئارقىدىنلا ئۇ يەنە «مېنىڭچە روسىيە بىلەن چوڭ كۆلەمدە توقۇنۇشقىسى بار دۆلەتلەر يوق، دەپ قارايمەن» دېدى.

  ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسىن ياساينيۇك 29-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا ش ئا ئە ت غا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ھەمدە پارلامېنتقا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى بىكار قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

  ش ئا ئە ت گە ئەزا دۆلەتلەر شۇ كۈنى جىددى يىغىن ئېچىپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا كېڭەشكەن. ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى ئاندرېس فوگ راسمۇسسېن ش ئا ئە ت نىڭ ئىشىكى ئۇكرائىناغا ھەر ۋاقت ئوچۇق، دېگەن. ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يىغىندا ش ئا ئە ت نىڭ ئۇكرائىناغا قورال تەمىنلەشنى ئۆتۈنگەن ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇكرائىنا «ھازىرقى ۋەزىيەتتە» ش ئا ئە ت دىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر چىقىرىشنى ئۆتۈنمەيدۇ، دېگەن.

  9-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا ش ئا ئە ت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقت گىزىتى»نىڭ 29-ئاۋغۇست خەۋرىدە، ش ئا ئە ت نى قۇرغۇچى 7 دۆلەت روسىيەگە قارىتا جىددى تاقابىل تۇرۇش قىسمى قۇرماقچى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن تەشكىللىنىدىغان بۇ قىسىمنىڭ كۆلىمى ئاز دىگەندە 10 مىڭ ئەسكەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ قىسىمغا ئاساسلىقى ئەنگىلىيە باش قوماندان بولىدۇ، دانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەلەر بۇ قىسىمغا قاتنىشىدۇ، كانادا بۇ قىسىمغا قاتنىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېيىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر