باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنقىلابىي قۇربان ئابدۇكېرەم ئابباسوفنىڭ تەرجىمىھالى

2014.08.29 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1921–يىلى 9–ئاي 1949–يىلى 8–ئاي)

  ئابدۇكېرەم ئابباسوف، شىنجاڭ ئاتۇشتىن. 1921 – يىلى 9 – ئايدا تۇغۇلغان. 1935 – يىلى غۇلجىدىن دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)غا ئوقۇشقا بارغان، ئۆلكىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شىنجاڭ ئىنسىتىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، لىن جىلۇ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئاممىۋى تەشكىلات «شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى»غا قاتنىشىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1942 – يىلىنىڭ بېشىدا، غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىدە تەرجىمانلىق قىلىپ، مەخپىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1944 – يىلى 11 – ئايدا، غۇلجا قوراللىق قوزغىلىڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىللەردە، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەر بىلەن خەنزۇ ئاممىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى تۇرىدىغان، «مۇستەقىللىق»تە چىڭ تۇرىدىغان، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە مۇئاۋىن باش كاتىپ بولۇپ، ‹‹تىنچلىق بىتىمى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال ئاتلانغان. 1946 – يىلى 12 – ئايدا، نەنجىڭغا بېرىپ «مىللىي قۇرۇلتاي»غا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نەنجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا مەخپىي بېرىپ، دۇڭ بىۋۇغا شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەگە كىرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان. 1947 – يىلى 2 – ئايدا، دىخۇادا خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەر بىرلىشىپ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرىدىغان، شىنجاڭ بويىچە بىرلىككە كەلگەن يەر ئاستى ئىلغار تەشكىلات «دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيەسى»نى قۇرغان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، دىخۇادىن غۇلجىغا قايتىپ، شىنجاڭ تىنچلىقنى – خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېت ھەيئىتى قوشۇمچە ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلغار كىشىلەر بىلەن بىللە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەسىلىسىدىكى خاتالىقى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىپ ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ئۇلارغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي خىزمەت پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشقان. 1949 – يىل 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايلىنىپ بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)غا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئولتۇرغان سوۋېت ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال تاغلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، بەختكە قارشى 28 يېشىدا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر