باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنقىلابىي قۇربان دەلىلقان سۇگۇربايىفنىڭ تەرجىمىھالى

2014.08.29 10:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1906–يىلى 6–ئاي 1949–يىلى 8–ئاي)

  دەلىلقان سۇگۇربايىف، قازاق، شىنجاڭ ئالتايدىن. 1906 – يىل 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تۇغۇلغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئالتاي رايونىدىكى قازاق مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە سارسۈمبە ناھىيەسى(ھازىرقى ئالتاي شەھىرى)نىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئاممىۋى تەشكىلات «شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى»غا قاتنىشىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىگە ئاتلانغان، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا دائىم ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىئانە توپلاپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بەرگەن. 1941 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا بېرىپ، ھەربىي مەشىق قىلغان. 1944 – يىلى 6 – ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئالتايدا مەخپىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ يىلى 10 – ئايدا «ئالتاي ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1945 – يىلى 9 – ئايدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئالتاي مەخسۇس رايونىنى ئىشغال قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئالتاينىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، مىللىي ئارمىيە ئالتاي ئاتلىقلار پولكىنىڭ كوماندىرى، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى قوشۇمچە ئالتاي ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، مىللىي ئارمىيەنى باشلاپ، ئوسمان باندىتنىڭ ئالتاي مەخسۇس رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلغان ھەم بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالتاي مەخسۇس رايونىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. ئالتايدا ۋالىي بولغان مەزگىللەردە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي زۇلۇم ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ «خەنزۇ يولداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارى»نى ماقۇللىغان ۋە خەنزۇ يېتىم بالىلارنى بېقىۋالغان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزاسى قوشۇمچە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، «تىنچلىق بىتىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئالتايدا ۋالىي بولۇپ، ئالتايدىكى كادىرلار، ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىڭ پارتىيەسىگە ئەگىشىشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ توغرا تاللىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭنىڭ چىقىش يولى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. 1949 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايلىنىپ بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)غا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئولتۇرغان سوۋېت ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال تاغلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، بەختكە قارشى 43 يېشىدا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر