باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلېكتىر كىرزىسىنىڭ سىياسىيلىشىشى

2014.08.26 13:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر كۈنى بەش ئالتە قېتىم توك توختاش قاھىردە دائىملىق بىر ئىش، مىسىرلىقلار تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ئامالسىز كۆنگەن،ئالايلۇق قاتتىق ئىسسىقتا مېھمانخانىلاردا توساتتىن ھاۋا تەڭشۈگۈچ توختاپ قالىدۇ، ئۆيلەر چىدۇغۇسىز ئىسسىپ كېتىدۇ، بىنالاردا لىفىتلار توساتتىن توختاپ قېلىپ، ئادەملەر ئىچىدە سولىنىپ قالىدۇ، گەرچە مىسىرلىقلار بۇنداق ئەھۋاللارغا كۆنۈك بولىسمۇ ئەمما ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولىۋەرگەندىن كېيىن، نارازىلىق ئېشىپ، ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى.

  مىسىردىكى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇرسىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى توك توختاپ كېتىش بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك، ئۆتكەن يىلى يازدا قاھىرەدە ئاھالىلەر بىر قېتىملىق توك توختاش يۇقۇرى دولقۇنىغا يولۇقتى، كىشىلەر كېچىدە قاراڭغۇلۇق ۋە ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمىدى، بەزى پىسخولوگلار مۇنداق دېدى: توك توختاش تۇرمۇشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشتىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، نارازىلىق، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى قاراڭغۇلۇقتا تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، كوچا سىياسىسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مسىىر ئاھالىلىرى توك توختاشقا چىداپ تۇرالماي كوچىلارغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈردى، ھەر خىل ئامىللار گىرەلەشكەن ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنىدا ئىلگىرى توك توختاش ھادىسىسىدىن ئەپۇ سورىغان، ئۆز ئۆيىدىمۇ توك توختاپ قالىدىغان مۇرسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  مۇھاممەت ھازىرقى زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ ئەگەشكۈچىسى، ئۇ ئىلگىرى سېسىنى قوللاش ئاساسىنىڭ كۆپلىكى، بولمىدى دېگەندىمۇ سېسى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانسا توك توختاش ھادىسىسىنىڭ ئازىيىدىغىنىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى مسىرنىڭ توك توختاش مەسىلىسى يېڭى رەھبەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ھەل بولمىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى تەرققىيات، تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللار بار، بىر ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە توك توختاش ھەرگىز تۈگىمەيدۇ.

  ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مىسرنىڭ توك توختاش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مىسىردە چىقىدىغان« كۈندۈلۈك خەۋەرلەر»گېزىتىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ يىل يازدا قاھىرەدىكى زور كۆلەملىك توك توختاش مىسىردىكى ئېنېرگىيە جىددىيچىلىكى، ئېلېكتىر ئەسلىھەرلىرىنىڭ يېڭىلانماسلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق مەبلەغ ئاجراتماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يىلتىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئىقتىسادقا مۇناسۋەتلىككەن، مسىىر توك تارقىتىشتا ئېغىر دەرىجىدە تەبئىي گازغا تايىنىدۇ، بىر جەھەتتىن بىر قىسىم تەبئىي گازنى ئىمپورت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن توك باھاسىغا تولۇقلىما بېرىدۇ، مەلۇماتقا قارىغاندا مىسىردا يازدا توك توختىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىشى كېرەككەن، بۇ 2011-يىلىدىن باشلاپ مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان، ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان مىسىر ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئەسلىھەرلىرى ئەسەبى تەشكىلاتلارنىڭ 300 قېتىمدىن ئارتۇق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، شۇڭا توك كىرزىسى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىش.

  ئىقتىسادى ئاساس ئۈستى قۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ، جەمئىيەت مالىمانچىلىقىنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشنى ئىقتىساددىن باشلاش كېرەك، سېسى زۇڭتۇڭ بولغان يۈز نەچچە كۈندە مىسىرنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېلى تەدبىر قوللاندى، بىرىنچى تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇردى، ئالايلۇق، ئېنېگىيە تولۇقلىمىسى 104مىليارد مىسىر فوندىدىن 100 مىليارد 200 مىليون مىسىر فوندىغا چۈشتى، ئېلېكتىر تولۇقلىمىسى 33 مىليارد مىسىر فوندىدىن 27 مىليارد 200 مىليون مىسىر فوندىغا چۈشتى، ئىككىنچى، يۇقۇرى كىرىملىكلەردىن ئېلىنىدىغان باج ئاشۇرۇلدى، مۈلۈك تەقسىمات ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق مالىيە كىرىمى ئاشۇرۇلدى، ئۈچىنچى، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئاقرىلىق ئىچكى تەلەپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىدى، ئالايلۇق، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۈۋەيىش قانىلى تۈرى، يۇقۇرى مىسىر دېلتىسى تۈرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىسىرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئاساس سالىدۇ.

  تەرەققىيات مۇقىملىققا مۇھتاج، مىسىر 3 يىلدىن ئارتۇق مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈردى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە كەيىپياتى تۇراقسىز، گەرچە ھازىر مىسىر يەنىلا قىيىنچلىققا ئۇچراۋاتقان بولىسمۇ ئەمما مسىىر جەمئىيىتىنى قاپلىغان قايتا ئويلىنىش كەيپىياتى ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئىنتىلىش بۇ دۆلەتكە ئۈمىد ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر