باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكودىكى يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار 120 گە يەتتى

2014.08.26 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ناپا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۇقۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو قولتۇقىدا 24-ئاۋغۇست سەھەر سائەت ئۈچتىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتە بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 13 كىچە، قازا قىلغانلار بولمىغان، يارىدارلار چۈشتىن بۇرۇنقى 89 دىن 120 گە كۆپەيگەن، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى يېنىك يارىدار ئىكەن.

  يەر تەۋرەشتە، 30 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قالدى، يۈزچە ئورۇندىن گاز چىقىپ كەتتى، 60 ئورۇندىكى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلدى، تىنچ ئوكيان كۆمۈر ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ خادىملىرى جىددىي رېمونت قىلدى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىر ھەپتە كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ دېدى. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلارغا پاناھگاھ ھازىرلاپ بەردى. ناپادىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى 25-ئاۋغۇست پۈتۈن كۈن دەرس توختاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر