باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېل: گېرمانىيە قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قېتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ

2014.08.26 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو 23-ئاۋغۇست زىيارەتكە بارغان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرگە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا پوروشېنكو مۇنداق دەپ قايتا تەكىتلىدى: مەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قۇۋۋەتلەيمەن، بۇ توغرىسىدا زۇڭتۇڭ تىنچلىق پىلانى تۈزدۈم، ئەمما چەتئەل قوراللىق خادىملىرى تىنچلىق پىلانىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، ناۋادا بۇ قوراللىق خادىملار قايتىپ كەتسە، ئۇكرائىنا تىنچلىقنى ناھايىتى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  مېركېل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ، قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قېتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر