باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى مەنئى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.08.12 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ۋاقىت گېزىتىنىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيىنى جازالاش تەدبىرىنى چىقارغاندىن كېيىن، رۇسىيە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ تەدبىرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن تەسىرى چوڭ بولىدۇ. فرانسىيە يېزا ئىگىلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يېقىندا فرانسىيە زوڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: فرانسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن تەدبىر تۈزۈپ، تەسىرگە ئۇچرىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.


  ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان مۇھىم دۆلەت ئىكەن. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇش تەدبىرىنى جاكارلىغان. بۇ ئىسپانىيىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى ساراسىمىگە سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر