باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى

2014.08.11 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدە باشلاندى، 50 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىدۇ، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇڭلى ئەردوئاننى قوللاش ساداسى يۇقۇرى بولدى. بۇ تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىشى، بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان ئۈچ نامزات: ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەردوئان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزات ئېھسان ئوغلى، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دېمىر تاش. شۇ جايدىكى تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا: ئەردوئاننىڭ تۈركىيەنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولىشىدا چاتاق يوق، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە يېرىمدىن كۆپرەك بېلەتكە ئېرىشىپ غەلىبە قىلىشىغا بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. ناۋادا بىرەرمۇ نامزات يېرىمدىن كۆپ بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، 24-ئاۋغۇست 2-قېتىم ئاۋاز بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر