باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوكرائىنادىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلار ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.08.11 10:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا «دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» نىڭ زۇڭلىسى زاخارچىنكو 9-ئاۋغۇست: دونېتسىك رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەلئارىسىدىكى قوراللىقلار ئۇرۇش توختاتماقچى، دېدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو شۇ كۈنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئۆمىكى ئەۋەتىش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. زاخارچىنكو مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دونېتسىك رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ناۋادا ئۇكرائىنا دائىرلىرى داۋاملىق ھەرىكەت قوللانسا، ئەلئارىسىدىكى قوراللىقلار مەيلى قانچىلىك قىيىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدۇ. ئەمما زاخارچىنكو ئۇرۇش توختىتىلماقچى بولغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دونېتسىكتا توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر