باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پان كىمون قاتارلىقلار پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.08.08 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پان كىمون قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 6-ئاۋغۇست پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، غەززە رايونىدىكى ۋاقتىلىق تىنچلىقنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىشىقا ئايلاندۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.


  68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى شۇ كۈنى غەززە رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىرەسمىي ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. پان كىمون مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋەزىپە غەززە رايونىدىكى ئاممىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، سۆھبەتنى قايتا باشلاش ھەمدە ئاخىرىدا يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ماقۇللاپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.


  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىندا سۆز قىلدى. نۇرغۇن ۋەكىللەر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىپ، سۆھبەت ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر