باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەدىن جازالاش تەھدىتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى

2014.07.28 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۆنۈگۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قوللانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاش تەدبىرى خەلقئارا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقىغا تەھدىد پەيدا قىلدى،دېدى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈزۈپ چىققان يېڭى جازالاش تىزىملىكى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىغىچە كېڭەيدى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۆنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى روسىيە بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش يولىنى تامامەن ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېررورچىلار ۋە تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى نەپكە ئىگە قىلىدۇ. ئافغانىستان، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ ئىشتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر