- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالجىرىيە زۇڭلىسى: ئالجىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا رايى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كېتىش ئىھتىمالى زور
2014.07.28 09:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالجىرىيە زۇڭلىسى تۆنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ AH5017- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن.
ئۇ مۇنداق دېدى: 10 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچىۋاتقان ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە جابدۇق كېتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ رايوندا بۇ خىل قۇرالنى كونترول قىلىدىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ماتىريال يوق. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ سەۋەبىدىن ئايرۇپلان چۈشۈپ كەتتىمۇ دېگەن مەسىلىگە قارا قۇتىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جاينى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ھۆكۈم چىقارغىلى بوولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ ئايروپىلاننى ئىجارىگە ئالغىنىغا 1 ئايدىن ئاشقان، بۇ ئايروپىلانى بۇنىڭدىن بۇرۇن فرانسىيەنىڭ كەسىپى خادىملىرى تەكشۈرۈپ تەڭشىگەن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى نورمال ئۇچۇش شەرتىگە ئۇيغۇن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر