- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۆمىكى: ئالجىرىيەنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى تاپتۇق
2014.07.28 09:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىينىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكى تۆنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇتەخەسسلەر مالى تەۋەسىدە چۈشۈپ كەتكەن ئالجىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ AH 5017-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ 2- قارا قۇتىسىنى تېپىپ چىقتى،دېدى.
مالىي ئەمەلدارى تۆنۈگۈن چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ 1- قارا قۇتىسى تېپىلدى ھەمدە چۈشۈپ كەتكەن جايغا 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مالىينىڭ شىمالىدىكى گائو شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلدى،دېدى.
24-ئىيۇل، ئالجىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ AH 5017-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇپ 50 مىنۇتتىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، ئارقىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ خوشنا دۆلەت مالىيدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر