- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقىدى
2014.07.28 09:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۆنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقتىن، ئامېرىكا شۇ كۈنى لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقىغان ھەمدە بارلىق خادىملىرىنى چېكىندۈرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى تەخمىنەن 150 كىشى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە شۇ كۈنى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق لىۋىيەنىڭ خوشنىسى تۇنىسقا كىرگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خارف شۇكۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقىدى، لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى لىۋىيەگە قايتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر