باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىللىرى ئىسرالىيە بىلەن پەلەستىننى خەلقئارا ياراشتۇرغۇچىلارغا ماسلىشىپ شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2014.07.24 23:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى تۆنۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسرالىيە بىلەن پەلەستىندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا ياراشتۇرغۇچىلارغا ماسلىشىپ، شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەققىدە ئاشكارا مۇنازىرە ئۆتكۈزدى. ليۇ جېيى مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتىپ، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنى غەززادىكى چېگرىدىن ئۆتۈش ئېغىزىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن بارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىپ، غەززانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  ليۇ جېيى مۇنداق دېدى: غەززا توقۇنۇشىنىڭ ئەكس تەسىرى سىرتقا يامىراشقا باشلىدى، لىۋان ئىسرالىيە، سۈرىيە ئىسرالىيە چېگرا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى، رايون تىنچىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى بۇ رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش، زوراۋانلىقنى تۈگىتىش، تىنچىلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. جۇڭگو پەلەستىنگە يېڭى بىر تۈركۈم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر