باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېررى خاماسنى ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى قۇبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2014.07.24 23:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى تۆنۈگۈن قاھىرەدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنى مىسىر ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى قۇبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، پەلەستىن ئىسرالىيە توقۇنۇشىنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ئەيىبلەيدۇ.

  كېررى شۇ كۈنى مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خاماس ئىسرالىيەگە داۋاملىق راكېتا قويۇپ بەردى، ئىسرالىيە «ھەر قانداق بىر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دۆلەت قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىنكاسنى» قايتۇردى.

  كېررى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن ئىسرالىيەنى ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە بىر دەكلىك ھاسىل قىلىپ، نۆۋەتتىكى قانلىق توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر