باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيا ئايروپىلانى ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى يېڭى كۈچەش نۇقتىسى بولىشى مۇمكىن

2014.07.24 23:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH17- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 18-ئىيۇل ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما مۇنداق دېدى: بۇ بىر مەيدان يەر شارى خاراكتېرلىق ئاپەت بولۇپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ۋەقە رۇسىيە قوللاۋاتقان ئۇكرائىنا بۆلگۈنچى كۈچلىرى تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان جايدا يۈز بەردى. ئامېرىكا ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. ھەمدە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەر ھەمكارلاشمىغان رۇسىيىنى جازالاش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېغىر جازانى يولغا قويدى.

  مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭى كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن مالايسىيا، گوللاندىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتىم ھەمدە ئاۋىستىرائىلىيە زوڭلىسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرىمەن.

  شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى،ياۋروپا بىلەن پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،بۇ ۋەقە بىر قېتىملىق سىگنال بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇش ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئاقىۋەتنىڭ شۇ يەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن، تىزگىنلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

  ئوباما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ يولۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاسىيا خەلق ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىر ئايروپىلانى ياۋروپا ھاۋا تەۋەسىدە چۈشۈرۈۋېتىلدى.بۇ بىر مەيدان يەر شارى خاراكتېرلىق تراگېدىيە . خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى دەرھال ئىشەنچىلىك تەكشۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر