باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسپانىيەلىكلەر ئەتكەس تاماكىغا كۆنۈۋالدى

2014.07.24 23:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسپانىيە «A B C گېزىتى» نىڭ 21- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيەدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس بۇ دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، نۇرغۇن ئاھالىلەر ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن تاماكا ئىستېمالىنى ئازايتقان، ياكى مۇنتىزىم يوللار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەتكەس يول بىلەن تاماكا سېتىۋالىدىغان بولغان.

  ئىسپانىيە «A B C گېزىتى» نىڭ ئېرنىست يوڭ بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 2013- يىلى ئىسپانىيە ئاھالىلىرىنىڭ تاماكا ئىستېمال مىقدارى 50 مىليون دانە بولۇپ، 2009- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 290 مىڭ دانە ئازايغان. تاماكا چەككۈچىلەر ئەتكەس تاماكا سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، ئەتكەس تاماكىنىڭ كۆپىيىشى مۇنتىزىم تاماكا سېلىش بازىرىنى تەدرىجىي تارايتىۋەتكەن، ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت خەزىنىسىنى 750 مىليون ياۋرو باج زىيىنىغا ئۇچراتقان، ئەمما 2007- يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستا بۇ تۈرلۈك باج پەقەتلا 170 مىليون ياۋرو ئازايغانىدى.

  دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، 2009- يىلى ئىسپانىيەدىكى ئەتكەس قىلىنغان تاماكىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ پۈتۈن كەسىپ بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %2 ئىدى، ئەمما 2013-يىلىغا كەلگەندە، بۇ سان ئۆرلەپ %8 كە يەتكەن. ئېرنىست يوڭ بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەر بۇ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنىڭ نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: يېقىنقى تۆت يىلدا، ئىسپانىيەدىكى تاماكا بېجى بىر ھەسسە ئۆرلىدى، كونكرېت ئېيتقاندا، تاماكا باھاسىنىڭ سەككىز ئۈلۈشكە يېقىن قىسمى باج تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ كەتكەن، مەسىلەن، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئالاھىدە ئىستېمال بېجى دېگەندەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىمۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئەرزان تاماكا ئىزدىشىگە سەۋەبچى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر