- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيە ئۇكرائىنادىكى ئەلئىچى قوراللىق كۈچلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى بېرىپ باقمىدۇق، دېدى
2014.07.23 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شىتابىنىڭ مەشغۇلات باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئاندىرى كارتاپولوف 21-ئىيۇل تاراتقۇلارغا روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئەلئىچى قوراللىق خادىملىرىغا «بۇك دەرىخى» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
بۇنىڭدىن ئاۋال خەۋەرلەردە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17 بوئىن 777 تىپلىق ئايروپلانىنى مۇشۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى ئېيتىلغانىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر