خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپلان ۋەقەسىدىكى قىسمەن قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى بېسىلغان پويىز 20-ئىيۇل ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا يېقىن جايدىكى ئۇكرائىنانىڭ تولېز شەھىرىدىن دونېتسكى شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. ياۋروپا بىخەتەرلىك-ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىلىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پويىزغا 198 جەسەت بېسىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى