باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانى جەنۋە ھۆججىتىدىن چەتنەپ كەتتى

2014.06.23 08:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لاۋروف 21-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغاندا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: پوروشېنكو ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانىدا سۆھبەتنى باشلاش تەكلىپى بېرىشتەك مۇھىم مەزمۇن كەمچىل، بۇ 17-ئاپرېل ھاسىل قىلىنغان جەنۋە ھۆججىتىدىن چەتنەپ كەتكەن دېگەن. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: جەنۋە ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئۇكرائىنادىكى بارلىق رايون ۋە سىياسىي كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىيخەلق سۆزلىشىشنى دەرھال باشلاپ، ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

  لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى بىلەن بىرگە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەدەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ھازىر كىيىۋتىكى غەربنىڭ مەبلەغ ياردەم بەرگۈچىلىرى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ جەنۋە ھۆججىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۆھبەتنى دەرھال باشلىشى، ئۇكرائىنانىڭ بارلىق رايونلىرى قاتنىشىش شەرتى ئاستىدا كىرزىسنى ھەل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر