باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھوللاندى ژان كىرود رۇكنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.06.23 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى تۈنۈگۈن پارىژدا: پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن كىچىلىك تىپتىكى بىر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەلىرىنىڭ ئون رەھبىرىنىڭ ياۋروپا خەلق پارتىيىسىدىن بولغان ژان كىرود رۇكنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھوللاندى مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ياۋروپا سوتسىيالىستلار پارتىيەسى نامزاتىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا باشقا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ھوقۇقى بار.

  گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىساد مىنىستىرى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شىگېرمار جابلىر تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: مارتىن شۇلتىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتۈشىنى قوللاش كېرەك. جابۇلىرنىڭ بۇ سۆزى شۇلتىزنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىسلىك رىقابىتىدىن چىكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر