باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن پوروشېنكونىڭ بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقىنى قوللىدى

2014.06.23 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكونىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا بىر ھەپتە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتى شۇ كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇتىن پوروشېنكو ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانىدا سۆھبەتلىشىش ھەققىدىكى تەكلىپ مەزمۇنىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، شۇڭا بۇ پىلاننىڭ «ھاياتى كۈچى يوق»، «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ». پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: پوروشېنكو ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش تۇيۇقسىز يەنە داۋاملاشتى، رۇسىيە زېمىنى ئۇكرائىنانىڭ زەمبىرەك زەربىسىگە ئۇچرىدى، مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، بۇ خىل ئەھۋالغا يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: پوروشېنكو ئېلان قىلغان تىنچلىق پىلانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتقا چىقىرىلغان «ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم» خاراكتېرىدە بولماسلىقى كېرەك، ئۇرۇش توختىتىش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۆھبەتنى باشلاش ھەمدە توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدا سىياسىي مۇرەسسە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىپ سۆھبەتنى باشلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر