- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بان كىمون ئىراق رەھبەرلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى
2014.06.17 02:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 15-ئىيۇن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىراق تەۋەسىدە پەيدا قىلغان زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراق رەھبەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دۆلەت يولۇقۇۋاتقان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىپ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلاتلار شىددەتلىك توقۇنۇشتى، ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم شەھەر ماۋسۇر بىلەن تىكىلىتنى ئىشغال قىلدى ھەمدە پايتەخت باغدادقا قاراپ ئىلگىرىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر