باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى پارىژنىڭ زەپەر دەرۋازىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2014.06.17 02:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر شارى ئاممىۋى خەيرى-ساخاۋەت ئىتتىپاقى بىلەن فرانسىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئورتاق تەرەققىيات جەمئىيىتى 15-ئىيۇن فرانسىيەنىڭ پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى.

  1916-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنى قوبۇل قىلىش توختىمى ئىمزالاپ، جەمئىي 140 مىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىنى قوبۇل قىلغان. جۇڭگولۇق بۇ ئىشلەمچىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئارقا سېپىدە ئىشلەپ، تۆمۈر يول ۋە تاش يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، ئۇرۇش ئاكوپلىرىنى كولاش، بومبىلارنى بۇزۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشدا فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئىشچىلەرنىڭ جەسىتى فرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر