شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئىيۇن، يېڭىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان رۇبېن رىۋلىن ئېرۇسالىمدا نۇتۇق سۆزلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 10-ئىيۇن ، ئېرۇسالىمدا ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پارلامېنت يىغىندا ، رۇبېن رىۋلىننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى . رۇبېن رىۋلىن بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بەش نامزات ئىچىدىن تاللىنىپ چىققان ئوڭچىل پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى ، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەرلىك تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىغان : رىۋلىن بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان .