خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە پادىشاھى خۇئەن كارلوس 2-ئىيۇن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، تەختنى ۋەلىئەھد فېلىپقا ئۆتۈنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ ۋەلئەھد فېلىپنىڭ ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەختتىن چۈشۈش سەۋەبى ھەققىدە خۇئەن كارلوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن دۆلەت ئىسلاھاتقا موھتاج بولدى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئىتى بار ياشلار دۆلەتنى باشقۇرۇشى كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى