- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ۋاڭ مىن ب د ت غا «كىيوتو توختامنامىسى» دوخا تۈزۈتۈلمە لايىھەسىنى قوبۇل قىلىش خېتىنى تاپشۇردى
2014.06.03 16:18 مەنبە: خەلق تورى
ئېلىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «كىيوتو توختامنامىسى» دوخا تۈزۈتۈلمە لايىھەسىنى قوبۇل قىلىش خېتىنى تاپشۇردى.
«كىيوتو توختامنامىسى» دوخا تۈزۈتۈلمە لايىھەسى 2012-يىلى ماقۇللانغان. دوخا تۈزۈتۈلمە لايىھەسىدە «كىيوتو توختامنامىسى»نىڭ ئىككىنچى ۋەدە بېرىش مۇددىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»غا يەنە بىر قوشۇمچە قوشۇلغان بولۇپ، ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەرگە قارىتا، بۇلغۇما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى مىقتارلاشتۇرۇش بېكىتىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ۋەدە بەرگەن مۇددەت ئىچىدە، پارنىك گازىنىڭ بارلىق قويۇپ بېرىش مىقتارىنى 1990-يىلىدىكى سەۋىيىدىن ئاز دىگەندە %18 تۆۋەنلىتىشى بەلگىلەندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر