خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2-چېسلا، ئىران پايتەختى تېھران ئاز ئۇچرايدىغان قۇم-بوران ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، تۆت ئادەم ئۆلدى،ئېران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، قۇم-بوران ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 110 كىلومېترغا يېتىپ، بەزى چوڭ دەرەخلەر يىلتىزىدىنلا قومۇرۇلۇپ كېتىپتۇ، بوران تۈپەيلىدىن تېھراننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا توك ئۈزۈلۈپ قاپتۇ، بىر قىسىم خەلقئارا نۆۋەتلىك ئايروپىلانلارمۇ ئۇچۇشتىن توختاپتۇ. تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى