باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بالتىق دېڭىزى مۇنبىرى لاتۋىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى جۇرمالادا يېپىلدى

2014.05.26 17:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بالتىق دېڭىزى مۇنبىرى 25-ماي لاتۋىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى جۇرمالادا يېپىلدى، لاتۋىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئالىملىرى ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك بالتىق دېڭىزى مۇنبىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «شەرق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» پىلانى بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ تېمىنى چۆرىدىگە ھالدا سۆز قىلدى ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  رۇسىيەنىڭ لاتۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىشنىياكوف سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللايدۇ، لېكىن رۇسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاشكارا بولۇشى يەنە كېلىپ رۇسىيە بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر